1400دىن ئارتۇق كىچىك توپچى ۋە ترېنېر مۇسابىقىگە قاتناشتى
بالىلار تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدا مۇسابىقىلەشمەكتە. سۈرەت مەنبەسى: ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 2- ئاينىڭ 18- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك «ئوت يۇرتى بايرامنى تەبرىكلەش لوڭقىسى» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى تۇرپان شەھىرىدە ئاياغلاشتى. بۇ مۇسابىقە سەككىز كۈن داۋاملاشتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 72 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 1400دىن ئارتۇق كىچىك توپچى ۋە تىرېنېر مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كۆلىمى رېكورتىنى يېڭىلىدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، تۇرپان شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، ئىدىقۇت رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئىدىقۇت رايونلۇق ياشلار- ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئەنئەنىۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ھەرقايسى مەكتەپلەر، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پۇتبولچىلار جەمئىيەتلىرى، پۇتبول كۇلۇبلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا بۇلتۇرقى 32 دىن بۇ يىلقى 72 گە يەتتى.
سەككىز كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 117- ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ A كوماندىسى 2009 - 2010 ياش باسقۇچى بويىچە چېمپىيون بولدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ 2011 - 2012 ياش باسقۇچى بويىچە چېمپىيون بولدى، ئۈرۈمچى شياۋماجۈ پۇتبول كۇلۇبى 2013 - 2014 ۋە 2015 - 2016 ئىككى ياش باسقۇچى بويىچە چېمپىيون بولدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇتبول ياشلار مەشىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «بىز جەمئىي تۆت كوماندىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردۇق»، دېدى غۇلجا شەھىرى رۇشەن تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى چېن گۇەنلىن.
«بۇ مۇسابىقە شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ياشلار مەشىق ئاپپاراتلىرىنى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ماھارەت سەھنىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ داڭلىق مۇسابىقىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى تۇرپان شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسھاقجان لېتىپ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)