You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 13: «مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى» غا ئەرىشكەن كۈنلەردە

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 13: «مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى» غا ئەرىشكەن كۈنلەردە

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون ئۈچىنجى باب: «مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى» غا ئەرىشكەن كۈنلەردە

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئانا تىلنىڭ بىلىكى،

قەلب چىراغ پىلىكى؛

ئەجدادلارنىڭ تىلەكى،

ۋۇجۇدىمىز يىلىكى.

«كاشغارىيە سەلكىنلەرى»، 23-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل

ياشلار ياراتقان تارىخ

2013-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى ئادەمىيات (فىلولوگىيە) پەنلەرى ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسىنتى دوكتور ئاشتى تىلشۇناس ئابدۇرەھىم رەھماندىن مۇنداق بىر تەلىفون ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «بىز شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن ئانا يۇرت «مۇئەللىم» ئەلىكترون پەن-تەخنىكا چەكلىك شىركەتى ھەمكارلاشىپ، ‹ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئۆتكۈزمەكچىمىز. مەزكۇر شىركەتنىڭ مەبلەغ سالىشى بىلەن، ‹مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى› تەسىس قىلدۇق. يىغىن رىياسەتى تەرەپىدىن مۇكاپاتلانىدىغان ئون بىر نەپەر تىلشۇناسنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندىڭىز. 15-16-ئىيۇن كۈنلەرى ئاچىلغۇسى يىغىنىمىزغا قاتناشىپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالىشىڭىزنى ئۇقتۇرىمىز».

«پاھ، ئەزىمەت ئىكەنسىلەر!» دەۋەتتىم، تەلىفوننى قويۇپلا. چۈنكى، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئۇقتۇرغان مۇنداق ئىككى ياڭىلىق، ئىككى ئىجادىيەت قەلبىمنى شۇ ئان لەرزىگە سالغانىدى: بىرى، تىلشۇناسنى مۇكاپاتلاش؛ يەنە بىرى ئەسىر باشىدا، ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىغا تالىق تەتقىقات نۇقتالارى ئۈستىدە كوللىكتىپ باش قاتۇرۇش، جامائەتلىك پىلان قۇرۇش.

ئەمسەچۇ؟! ئۇيغۇر دۇنياسىدا، «تىلشۇناسنى خاس مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ» دەپ كىم ئاڭلاغان؟ ھىچكىم ئاڭلاغان ئەرمەس! سالىشتۇرما قىلىپ ئەيتقاندا، تىل ساھەسىدە، مۇندىن بۇرۇن بىرمۇ خاس مۇكاپات يوق ئىدى. دەرھەقىقەت، ئەدەبىيات ساھەسىدە مۇكاپاتلار ئاز ئەرمەس، ئۇسلۇب جەھەتتە غەيرىرەك قىلىپ بىر ئەدەبىي ئەسەر يازغان ئادەم «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى»، «تۇلپار مۇكاپاتى» ۋە «ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى» دەگەندەك مۇكاپاتلارغا ئەرىشىپلا تۇرىدۇ. ئەدىبلەرنىڭ سەرخىللەرى يىلدا، ياكى يىل ئارالاپ، ياكى مۇئەييەن بىر ۋاقىت دائىرەسى بويىچە مۇكاپاتلانىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل مۇكاپاتلارنىڭ ئەھمىيەتى، قىممەتى ۋە رولىنىڭ نەقەدەر زور ۋە زۆرۈر بولغان، بولىۋاتقان ۋە  بولىدىغانلىقىنى مەدەنىيەت دۇنياسى بەكمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئىلىم ئەھلى ۋە كەڭ زىيالىيلار بەلەن پەھم قىلالايدۇ.

ھەم شۇنىسى ئانىقكى، ئەدەبىياتنىڭ تىل بىلەن قوشكىزەك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىياتنىڭ پەقەت تىل بىلەن ئۆرە تۇرالايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما، پۈتكۈل ئۆمۈرى «ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش، قىسقا سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇش، ئىسىم، پەئىل، تولدۇرغۇچى، ئانىقلاغۇچى، ھالەت» دەگەندەك گەپلەرنى دەيىش، يازىش ۋە ئۇلارنى چۈشەندۈرۈش بىلەنلا ئۆتىدىغانلارنى ئادەتتە ھىچكىم «ۋاي» دەپ كەتمەيدۇ، كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. تىل-ئەدەبىيات مەيدانىدا، تىلنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساس، ئۇل ۋە بىرلەمچى ئامىل ئىكەنلىكىنى مەدەنىي ئىنسانلارنىڭ ھەممەسى ئىئتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە، «ئەدەبىيات-تىل» دەيىلمەيدۇ، بەلكى تىل ئەتىۋار بولغاچ، باشتا ئاغىزغا ئالىنىپ، «تىل – ئەدەبىيات» دەيىلىدۇ ۋە شۇ بويىچە قوشماق يازىلىدۇ.

ھالبۇكى، ئادەتتە، زادى نەمە ئۈچۈن تىلچىلىق ئەدىبلىكتەك بازارلىق بولمايدۇ؟ نەمە ئۈچۈن تىلچىلار ئەدىبلەردەك ئەتىۋار قازانالمايدۇ؟ زادى تىلچىلارنىڭ مۇشەققەتى، مىھنەت-جاپاسى ۋە ئەمگەكى ئەتىبارغا ئالىنىشى لازىممۇ-يوق؟ مەنىڭچە، بۇ سوئاللارغا ئەمەلىيەتتە، «مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغانلار ئۆز ئىجادىيەتى ۋە ئەمەلىيەتى بىلەن ئانىق، جاراڭلىق ۋە بەجىرىم جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب ئەھمىيەت ۋە قىممەت جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، بۈيۈك تىلشۇناس بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىي روھىنى سۆيۈندۈرگەن، مەدەنىيەتىمىزنىڭ باش بەلگەسى بولغان ئانا تىلىمىزغا مۇھەببەت باغلاغان پۈتكۈل ئۈممەت ۋە ئەۋلادلارىمىزنى تەلپۈندۈرگەن ھالدا، ياپ-ياڭى بىر بەت تارىخ ياراتتى: قۇتلۇق بولغاي!

مەنىڭ تۇيغۇمچە، «ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى» دەگەن بۇ ماۋزۇدا ياشلىق، جاسارەت ۋە غايە پۇراپ تۇرىدۇ. ئەمسەچۇ؟! ئۆتكەن بىر ئەسىر-يۈز يىلدا ئەجدادلارىمىز ئۇيغۇر تىل- يازىقى تەتقىقاتى بويىچە قانداق ئەمگەكلەرنى قىلدى؟ قايسى ئەمگەكلەر نەتىجەلىك، ئىپتىخارلانارلىق ئەمگەكلەر قاتارىغا كىرىدۇ ۋە قايسىلارى نۇقسانلىق، ھەتتا بىھۇدە ئەمگەكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ؟ بۇ ھەقتە، خەلققە سەمىمىيەتچىل بىر دوكلات بەرىش، ئىلمىي بىر خۇلاسە چىقارىش ۋە زامانىۋىلىق چۈشەنچەسىگە ئۇيغۇن بىر تەرەققىيات يۆنەلىشى بەلگەلەش ھەر قانداق بىر مەدەنىي مىللەت ئۈچۈن بۇرچ ئىشتۇر.

ئەڭ مۇھىمى، شەخسىيلەر باشقۇرۇشىدىكى بىر شىركەت بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر ئىلىم-مەئرىپەت ئوچاق ئورگانى ھەمكارلاشىپ يىغىن ئاچىش ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىشمۇ مەزكۇر «ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ بىر ياڭى ئىجادىيەتى بولۇپ، شىركەت-كارخاناچىلار، خەلقپەرۋەر تىجارەتچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىلىم ئەھلىنىڭ تونۇش، چۈشەنچە ۋە بىلىك دۇنياسىدا ياڭى بىر ئۇپۇق كۆزنەكى ئاچتىكى، بۇ بىر ياڭى تارىخ- بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلارى ياراتقان، ئەۋلادلار ئەبەدىي ئۇنۇتمايدىغان، ئەكسىچە ھەمىشە يادلايدىغان بىر مۇبارەك تارىختۇر!

ئى، زىيالىي ياشلار!  تارىخنى نوقۇللا ۋاراقلاپ ئوقۇپ، ئۆتكەن تارىخنى، تارىخىي شەخسلەرنى داڭقلاپ ياكى مازاقلاپ قۇرۇق گەپ ساتىپ ئولتۇرماي، سىلەرمۇ تارىخ ياراتىڭلاركى، ئۆز ئەمگەكى، ئۆز مىھنەتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادكارانە پائالىيەتى ئارقالىق تارىخ ياراتىپ ئۆتكەن ئۆمۈر ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي مەئنەلىك ۋە پۇشايمانسىز ئۆمۈر بولىدۇ!

مۇكاپات ئالغان كۈنى نەق مەيداندا ئوقۇغان ماقالەم:

ئىملانى مۇقىملاشتۇرۇش-ياڭى ئەسىر ئۇيغۇر تىل-يازىقى تەتقىقاتنىڭ باش ۋەزىپەسى بولۇشى لازىم

شىنجياڭ ئۇنىۋەرىسىتىتى ئادەمىيات پەنلەرى ئىنستىتۇتىنىڭ «مۇئەللىم» ئەلىكترون شىركەتى بىلەن ھەمكارلاشىپ، مەزكۇر «ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى ئۇيۇشتۇرغانلىقى تولامۇ ئەھمىيەتلىك ۋە خاسىيەتلىك ئىش بولدى، دەپ قارايمەن.

ئەمدى، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ياڭى بىر ئەسىردىكى پىلانى ئۈستىدە مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانكەنمىز، ئەڭ مۇھىم ۋە تەقەززاسىز ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان بىر ياكى بىر قانچە مەسىلەنى نۇقتالىق ئويلاشىشىمىز كەرەككى، مەنىڭچە، ئۇيغۇر تىل-يازىقىمىزنىڭ ئىملاسىنى ۋە تەلەپپۇز ئۆلچەمىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىزنىڭ بۇ ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن. شۇ ۋەجدىن، مەن بۇ يەردە، مۇندىن توققۇز يىل بۇرۇن يازىپ، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالىنىڭ  2005-يىللىق 1-سانىدا ئەلان قىلغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچەمىنى بەكىتىش ھەققىدە» (مەنىڭ مەزكۇر ئەسەرگە قويغان ماۋزۇيۇم؛ <ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج> ئىدى) ماۋزۇلۇق ماقالەمدە، تىل ئالىملارىمىزنىڭ مۇزاكىرەسىگە قويغان تۆرت تۈرلۈك تەكلىپىمنى نۆۋەتتىكى بۇ يىغىن ئەھلىنىڭ مۇھاكىمەسىگە قايتا قويىمەن:

1) ئۇيغۇر يازىقىدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشىنى يوقاتىش كەرەك.

ھەممەمىز بىلىمىز، ئۇيغۇر گرامماتىكاسى ۋە يازىق ئىملاسىدا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشىشى» دەگەن بىر ماۋزۇ بار. بىراق، ۋىجدانىمىز بىلەن ئىدراك قىلىپ، چىن سەمىمىيەتىمىز بىلەن ئىئتىراپ قىلساق، ئاغىزىمىزدا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشىشى»  دەپ ئاتاۋاتىمىز ، ئەمما ئۆز قولىمىز بىلەن يازغانىمىزدا بولسا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشى» قىلىپ ئىپادەلەۋاتىمىز . مەسىلەن: « ئانا←  ئانىسى؛ دادا ←دادىسى» دەگەن مىسالنى ئالساق ، مۇشۇ يازغانىمىز بويىچە ئەيتقاندا، ئاياغ بوغۇمدىكى «ئا» ئەسلىدىكىدىن ئاجىز بولغان بىر «ئا» (å) غا ئاجىزلاشمادى بەلكى «ئى»  (i)  دەيدىغان باشقا بىر مۇستەقىل سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگەردى.  بۇ بىر ئەجەللىك مەسىلە!

مەنىڭ تەتقىقاتىمچە، ئۇيغۇر تىلىدا، سوزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلاشىدۇ، يەنى «ئا، ئە» (E،A) سوزۇق تاۋۇشلارى مۇئەييەن تىل شارائىتىدا، ئۆزلەرىدىن نىسبەتەن ئاجىز بولغان «ئا، ئە»  (é،á) تاۋۇشلارىغا ئا جىزلاشىدۇ، دەگەنىمىز توغرا. ئەمدى، بۇ خىل ئاجىزلاشقان سوزۇق  تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز لۇغەتلەرىمىزدە ، ئاجىزلاشىش بەلگەسى بىلەن كۆرسەتىپ قويساقلا كۇپايە قىلاتتى. بىراق، بىز ئەمەلىي ئىستىمالىمىزدا، مەزكۇر ئاجىزلاشىش ھادىسەسىنى يازىقىمىزدا، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىشى» قىلىپ ئىپادەلەشىمىز پۈتۈنلەي خاتا بولغانكى، بۇ خاتالىقنى جەزمەن ۋە ئۈزۈل – كەسىل تۈزەتىشىمىز لازىم.

چۈنكى يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان «ئانا، دادا» سۆزلەرىنى ئالساق، ئۇلارغا ئۈچنىجى شەخس ئىگەلىك قوشۇمچەسى  «سى»  نى قوشقاندا، ئاخىرقى بوغۇمدىكى «ئا» سوزۇق تاۋۇشى ئۆزىگە قوشۇلغان «سى» دىكى «ئى»  سوزۇق تاۋۇشىنىڭ تەئسىرىدىن «ئانا، دادا»  ئوقۇلغان چاغدىكى «ئا» (a) تاۋۇشىغا قارىغاندا،  نىسبەتەن ئاجىزلاشقان ۋە بىر چەكىپلا  تەلەپپۇز قىلىنىدىغان «ئا» (á) تاۋۇشىغا ئاجىزلاشىدۇ. ئەمدى، بىزنىڭ ئەلىپبەيىمىزدە، « ئاجىز ‹ئا›، ئاجىز ‹ئە› » دەيدىغان ئايرىم ھەرپ بولماغانىكەن،  مەزكۇر ئاجىزلاشقان «ئا» تاۋۇشىنى يازىقتا يەنەلا نورمال «ئا» بىلەن ئىپادەلەپ «ئاناسى» قىلىپ يازىشىمىز ۋە ئۇنى تەلەپپۇز لۇغەتلەرىمىزدە «anısi» دەپ (ئىككىنىجى بوغۇمدىكى ‹ئا› ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ) ئوقۇلىدۇ، دەپ ئىزاھلاپ قويساقلا كۇپايە قىلىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىسى ئانىقكى، بىز يازىقتا زورمۇ – زور «ئاتىسى، ئانىسى» قىلىپ يازغانىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھىچبىر ئۇيغۇر بۇ سۆزلەرنى «atisi، anisi» دەپ، ئىككىنجى بوغۇمنى ئەلىپبەدە ئۆگرەتكەن «ئى» بويىچە تەلەپپۇز قىلمايدۇ. ئىشەنمەسىڭىز، نازۇك تىل ماشىناسىغا خاتىرەلەتىپ باقىڭ!

يەنە دەسەك، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشىش ھادىسەسى ئۇيغۇر تىلىغالا تەئەللۇق بولغان خاس مۈلۈك ئەرمەس، باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدامۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشىشى مەۋجۇد. ئالايلۇق، ئانايولىيە تۈركلەرىمۇ burası  ) بۇ يەر (،alayım  (ئالاي)  bakayım (باقاي)، دەگەن سۆزلەرنى ئاغىزدا burısı (بۇرىسى)، alıyım (ئالىيىم)،bakıyım  (باكىيىم) شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەمما، يازىقتا بۇ خىل تاۋۇش ئۆزگەرىشىنى ئىپادەلەمەيدۇ، خالاس.  نەمىشقا؟ چۈنكى، ئاغىز تىلىدا ئوتتۇراغا چىققان ئۆزگەرىشلەرنى بىرمۇ – بىر قالدۇرماي ئىپادەلەپ كەلسە، «تىل – يازىقنى قالىپلاشتۇرۇش» دەگەندىن ئەبەدىي ئاغىز ئاچقالىمۇ بولمايدۇ!

سەمىمىيەت بىلەن ئەيتقاندا، 1953- يىلى ئىشلەنگەن <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەلىپبە ۋە ئىملاسى> دا، «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ مۇئەييەن تىل تەلەپپۇز شارائىتىدا، ئۆزلەرىدىن تۆۋەنرەك تەلەپپۇز قىلىنىدىغان » ä، À» لەرگە ئاجىزلاشىش ھادىسەسىنى يازىقتا، ئانىق ھالدىكى «e, i» لارغا ئۆزگەرىدىغان قىلىپ ئىپادەلەشنى نىزاملاشتۇرۇپ قويۇش بىر تارىخىي گۇناھ بولغان. بىز بۇ گۇناھنى يۇيۇپ تاشلاشىمىز، يازىقىمىزدىكى «ئا، ئە ←ئېe، ئى» ئۆزگەرىشىنى قەتئىي يوقاتىشىمىز لازىم. مەنىڭچە، بۇ قىلسامۇ بولىدىغان، قىلماسامۇ بولىدىغان كىچىك ئىش ئەرمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) غا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىنى ئاداققىي جەھەتتىن قوغداپ قالالاشى ياكى قالالماسلىقىغا بارىپ تاقالىدىغان  جىددىي ھەم مەسئۇلىيەتلىك  زور بىر ئىشتۇر!

2) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلاشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم.

گۈزەل ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئېı، ئىi» بولۇپ جەمئىي سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار. بۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممەسى ئەزەلدىن – ئەبەتكە  جىنسى ئەركەك، جاراڭلىق تاۋۇشلاردۇركى ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز ئىچىدىن «جاراڭلىق سوزۇق تاۋۇش» ۋە «جاراڭسىز سوزۇق تاۋۇش» دەگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنمەيدۇ . چۈنكى، بىر سۆز – كەلىمەدە،  بىر سۆز بوغۇمىدا، «سوزۇق تاۋۇش جاراڭسىزلاشتى» دەگەن گەپ ئەمەلىيەتتە، «سوزۇق تاۋۇش نا جىنسيلاشتى ، سوزۇق تاۋۇش يوقالدى» دەگەن سۆز.

بۇ مەسىلەنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بىز «ئىچ، ئىش» دەگەن سۆزلەرنى تەكەللۇمىسىنى كەلتۈرۈپ «ix ich,» دەپ تەلەپپۇز قىلماي، تەلەپپۇز لۇغەتىمىز تەلىم بەرگەندەك «i°x ، i°ch» دەپ چەكىسىدە تۆشۈكى بار ناجىنسىي قىلىپ، يەئنى جاراڭسىزلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلساق، بۇ ھالدا مەزكۇر سۆزلەرنىڭ بوغۇمىدا ئەمەلىيەتتە، سوزۇق تاۋۇش بولماغان  بولىدۇ. چۈنكى، سوزۇق تاۋۇش دەگەن مەڭگۈ جاراڭلىق بولىدۇ، ئەگەر ئۇ جاراڭسىز بولسا، ھەرگىزمۇ سوزۇق تاۋۇش ھىسابلانمايدۇ .

روشەنكى، ئەگەر بىز «ئۇيغۇرتىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار جاراڭسىزلاشىدۇ» دەگەن لەنەتگەردى يەكۈندە چىڭ تۇرساق ۋە ئەمەلىي تەلەپپۇزدا بۇ چۈشەنچەنى ئومۇملاشتۇرساق،  بۇ ھالدا، ئۆزىمىزنىڭ ئاغىزىمىزغا ئۆزىمىز كاچاتلاغان، يەئنى «ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر سۆز بوغۇمىدا بىر دانە سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ» دەگەن تۈپ قائىدەنى يوققا چىقارغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش، سۆز – كەلىمەلەرنى شەكىللەندۈرۈش پرىنسىپىغا تالىق ئۇل – ئاساس نىزامىنى قاراپ تۇرۇپلا بۇزۇپ تاشلاغان بولىمىز، خالاس!

يەنە دەسەك، ھىچقانداق بىر تارىخىي مەنبەدە، «ئۇيغۇرلار سوزۇق تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا، بىر يەرىدىن يەل قاچىپ كەتىپ، پىسىرلاپ قالىدۇ» دەيدىغان بايان كۆرۈلمەيدۇ. دەمەكچىكى ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەر قانداق تىل شارائىتىدا،  ئاشۇ ئەلىپبەدە ئۆگرەتىلگەن سوزۇق تاۋۇش ھالەتى بىلەن راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھالبۇكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئىقتىدارىمىزغا ئىشەنسەك، ئومۇمەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كىرگەندىن كەيىن شەكىللەنىپ قالغان مەزكۇر «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلاشىشى» دەيدىغان ناكەس ئادەتنى تىل – تەلەپپۇز  ساھەمىزدىن پاك – پاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلاشىمىز لازىم.

ئەڭ مۇھىمى، بىز پەقەت ئۇيغۇرتىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەممەسىنى سۆز – كەلىمەلەرنىڭ ھەر قانداق يەرىدە، جاراڭسىزلاشتۇرماستىن ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان چاغىمىزدالا، ئاندىن سۆز – كەلىمەلەردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىپ كەتىش ھادىسەسىنى ئۈنۈملۈك توسايالايمىز ۋە قەتئىي چەكلەيەلەيمىز . بۇ ئارقالىق، سۆز – كەلىمەلەرنىڭ ھەر قانداق تىل شارائىتىدا ئۆزگەرىپ كەتمەي، ئوچۇق ۋە مەدەنىي تەلەپپۇز قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، بىز پەقەت «ئىچمەك، ئۇچماق، ئىچ كىيىم، ئىچ مايماق، ئىچ – قارىن، ئۇچقۇر، ئۇچقۇن، قۇچماق، كۈچلۈك…» قاتارلىق سۆزلەردىكى «ئى، ئۇ، ئۈ» سوزۇق تاۋۇشلارىنى ھازىرقى تەلەپپۇز لۇغەتلەرىمىز تەئلىم بەرگەندەك ئۈزۈك تاۋۇشلاشتۇرۇپ، يەنى جاراڭسىزلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلماي، ئەلىپبەيىمىزدە ئۆگرەتىلگەن ئەسلىي ھالەتى بويىچە «ü,u,i» تەلەپپۇز قىلىدىغانلا بولساق، بۇ ھالدا، مەزكۇر سۆزلەرنى «ئىشمەك، ئۇشماق، ئىش كىيىم، ئىش مايماق، ئىش – قارىن ، ئۇشقۇر ، ئۇشقۇن ، قۇشماق، كۈشلۈك» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ تاشلامايمىز، بەلكى يازغانىمىز بىلەن ئەينى قىلىپ، «içhmäk، uçhqun،uçhmaq ، uçhqur، içh-qarin، içhmaymak، içhkiyim، quçhmak،  küçhlük » دەپ راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلالايمىز، ئەلۋەتتە.

بۇنىڭدىن چىقتىكى، ئاتالمىش «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلاشىشى» ئۇيغۇرچە سۆز – كەلىمەلەردە، چەكى توختاماس تاۋۇش ئۆزگەرىشى بالاسىنى كەلتۈرۈپ چىقارىۋاتقان باش جىنايەتچى. بىز بۇ باش جىنايەتچىنى چوقۇم جازالاپ يوقاتىشىمىز كەرەك.

3) تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى مەنئى قىلىش كەرەك.

تارىخىي ۋە ئەمەلىي پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، تەلەپپۇزدا «ر، ل، ھ، ي» قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى دەۋرىگە كىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە  شەكىللەندۈرىۋالغان بىر  ئوسال ئادەت. شۇنداقلا، گۈزەل ئۇيغۇر سۆز – كەلىمەلەرىنىڭ رىتىمچان، خۇش ئاڭلانىشچان ۋە ساغلام ئۇستىخان ئالاھىدەلىكىنى  يوقاتىپ، ئۇنى رەپرەپ، چولاق ۋە كەمتۈك قىلىپ قويۇۋاتقان يامان ئاپەت. ھالبۇكى، ئەگەر بىز بۇ ئاپەتنى يوقاتماساق، بۇ ئوسال ئادەتنى يوق قىلماساق، تىل تەلەپپۇزدا مەدەنىيلەشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز.

مەن تەجرىبە ئۈچۈن، «ئەكبەر، ئەسقەر» دەگەن ئىككى سۆزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلارىدىن كەلگەن مىڭلاغان ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك  ئادەملەرگە تەلەپپۇز قىلدۇردۇم. ھىچبىر ئۇيغۇر ئۇلارنى «ئەكبە : ، ئەسقە : » دەپ، «ر» نى چۈشۈرۈپ قويمادى، ئەكسىچە، ئانىق قىلىپ، «ئەكبەر، ئەسقەر» تەلەپپۇز قىلدى. بۇنىڭدىن چىقتىكى، ئۇيغۇرلار بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن «ر» تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلالماسلىق كەسىلىگە مۇپتىلا بولغان بىمار خەلق ئەرمەس. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۆز ئەلىپبەسىدىكى ئوتتۇز ئىككى ھەرپنى سۆز – كەلىمەلەرنىڭ ھەر قانداق يەرىدە، ھەر قانداق تىل شارائىتىدا، ئوخشاشلا تولۇق ۋە ئوچۇق تەلەپپۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ساغلام خەلق. بۇ يەردىكى مەسىلە تىل مەدەنىيەتى ئاڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىللەتلىك تەلەپپۇز ئادەتىنى يوقاتىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز «بار» نى «با: »، «بازار» نى «بازا: »، «ئانار»نى «ئانا: » دەمەيدىغان، ھە دەسەلا «ر» تاۋۇشىنى يالماپ يەۋەتمەيدىغان بولۇش؛ ئاندىن بۇنى ئاۋام  پۇقرا ۋە بارلىق خەلقىمىزگە ئۆگرەتىش؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيەتىدە، تىل تاۋۇشلارىنى چۈشۈرۈپ قويماي، تولۇق تەلەپپۇز قىلىشنى  بىر ئادەمىي مەدەنىيەت  ھىسابلاپ ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلەسى خالاس.

مۇشۇ چۈشەنچە بويىچە ئەيتقاندا، ئەجدادىمىزدىن مىراس گۈزەل تىلىمىزنى بۇزۇپ، سۆز – كەلىمەلەردە ھىچبىر ئاساسسىزلا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلماي تاشلاۋەتىش ۋە بۇ خىل ئىللەتنى قائىدەلەشتۈرۈپ ، «بۇ دەگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تەلەپپۇز ئادەتى»، «بۇ دەگەن تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيەتى» دەۋەلىش ئەمەلىيەتتە، ئىلىمسىزلىك،  جاھىللىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تىل – يازىق     ئىستىمالىدا، ئەدەبىي يازىق تىلى ئارقالىق ئەدەبىي جانلىق تىلنى يەتەكلەش، قەلەم ئارقالىق ئاغىزنى يۈگەنلەشنى يولغا قويۇپ، تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ئىللەتىنى پات ئارادالا تۈگەتىشىمىز كەرەك.

4) تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇش ئۆزگەرىشىگە ئومۇمىيەتتىن يول قويماسلىق لازىم.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، ئاساسلىقى«ق» نىڭ «خ» غا، «چ» نىڭ «ش» غا ۋە «ج» نىڭ «ژ» غا ئۆزگەرىشى بولۇپ ئىپادەلەنىۋاتقان تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگەرىپ كەتىش ھادىسەسى ئەمەلىيەتتە، پەقەت ياقىنقى يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ئاۋام خەلق ئاراسىدا، سىستەمىلىق تىل ۋە مەدەنىيەت تەربىيەسى كۆرمەگەن ئاددىي پۇقرالار ئىچىدە، سەۋىيەسىزلىك ۋە بىلمەگەنلىكتىن ھەدەپ كەتىپ، بازار تاپىپ قالغان ئوسال ئادەت. ھالبۇكى، بىزنىڭ زىيالىيلارىمىز، خۇسۇسەن تىل – يازىق ساھەسىدە تەر تۆكۈپ  ئىشلەۋاتقان خادىملارىمىز بۇ خىل ئوسال ئادەتنى  ئۇنداق ئۆزلەرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ بايقاۋالغان «ياڭى بايقاندى»، «ياڭى تەتقىقات نەتىجەسى» ھىسابلاپ، ئوپۇل – توپۇللا لۇغەت ۋە دەرسلىك كىتابلارىغا كىرگۈزۈپ، ئامماۋىلاشتۇرۇپ ۋە قانۇنلاشتۇرۇپ قويماسلىقلارى لازىم.

مەنىڭچە، بىزنىڭ تىل – يازىق خادىملارىمىز تىل تارىخىنىمۇ بىلىدىغان، كەلگۈسىگەمۇ كۆز يەتكۈزەلەيدىغان،  ئەجدادلارنىمۇ تونۇيدىغان، ئەۋلادلارغىمۇ يۈز كەلەلەيدىغان، مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئالىملاردىن بولۇشى لازىم. بىزنىڭ تىل ئالىملارىمىز ئۆزلەرى خىزمەت قىلىۋاتقان تىل ساھەسىنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر ساھەگە ئوخشاشلا، ياخشى، ئاكتىپ نەرسەلەرمۇ، بولماغۇر، پاسسىپ نەرسەلەرمۇ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان بىر ساھە ئىكەنلىكىنى ئاڭقارغان ھالدا، تىل – يازىق ئىستىمالىدا ئاۋام خەلق ئىچىدە ئوتتۇراغا چىققان تىل ھادىسەلەرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا تەگىشلىك  ياخشى، ئاكتىپ ھادىسە، يەنە قايسىلارىنىڭ بولسا، دەرھال توسۇش ۋە چەكلەشكە تەگىشلىك ناچار، پاسسىپ ھادىسە ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئايرىيالايدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇشلارى  لازىم.

ئاندىن، تىل ھادىسەلەرىنى ئىئتىراپ قىلىپ، قائىدە – نىزاملاشتۇرۇش مەسىلەسىدە، جان باقارمەن مىيانە يولغا كىرىۋالماي، كەسكىن تەدبىرلىك بولۇش لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، كۈنىمىزدىكى «ق← خ؛ چ← ش؛ ج← ژ» ئۆزگەرىشى مەسىلەسىدە، ياكى «ق، چ، ج» ھەرپلەرىنى ئۇيغۇر تىلى ئەلىپبە جەدۋەلىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاپ، «قاق» نى «خاخ» «قوناق» نى «خوناخ» «چاچ» نى «شاش»، «چۆمۈچ» نى «شۆمۈش»،«جازا» نى «ژاژا» دەيىشنى ئومۇملاشتۇرۇش كەرەك، ياكى بولماسا، «ق، چ، ج» تاۋۇشلارىنى سۆز – كەلىمەلەرنىڭ ھەرقانداق بىر يەرىدە كەلىشىدىن قەئىينەزەر، يەل قاچۇرۇپ قويماي، پىسىلداپ قالماي، ئەينەن، راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىشنى نىزاملاشتۇرۇش لازىمكى، جەزمەن ئىككىنىڭ بىرى بولسۇن !

مەنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ، ئۇيغۇرلار ئۆز ئەلىپبەسىدىن «ق، چ، ج» ھەرپلەرىنى چىقارىپ تاشلاشنى ھەرگىزمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. شۇنداقىكەن، تىل تەلەپپۇز بازارىدا، خاتا يەتەكچىلىكنىڭ كاساپەتىدىن كۈنسارى يامراپ كەتىۋاتقان «ق← خ ؛ چ ←  ش؛ ج← ژ» ئۆزگەرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش مۇنبەرىدە، ئوقۇغۇچىلارغا مەزكۇر «ق، چ، ج» ھەرپلەرىنى سۆز – كەلىمەلەرنىڭ ھەرقانداق يەرىدە كەلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگرەتىشى، تەلىۋىزور، رادىئو دىكتورلارى ۋە پروگرامما رىياسەتچىلەرى باشلامچى بولۇپ، ئۆز تىل تەلەپپۇزىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئۆزگەرتىۋەتىش ئىللەتىنى ئىمكان بار ئەڭ قىسقا زاماندا، ئۈزۈل – كەسىل  يوقاتىشلارى لازىم.

مەنىڭ تەتقىقاتىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تەلەپپۇزىدىكى «ئا،ئە» سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ ئاجىز «ئا، ئە ‹ ä ،A ›»  تاۋۇشلارىغا ئاجىزلاشىشىنى يازىقتا «ئې e، ئى» گە ئۆزگەرىش قىلىپ ئىپادەلەش، تىل تاۋۇشلارىنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويۇش، سوزۇق تاۋۇشلارنى جاراڭسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇزدا ئۆزگەرتىۋەتىش بولۇپ ئىپادەلەنىۋاتقان بۇ تۆرت ئىللەت ئۇيغۇر تىل – يازىق ئىستىمالىنى مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ئىلىمسىزلىك گىردابىغا سۆرەۋاتقان تۆرت چوڭ ئاپەتتۇر. ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇر زىيالىيلارى جەزمەن بىر ئىنقىلاب قىلىپ، بۇ تۆرت چوڭ ئاپەتنى چوقۇم يوقاتىشىمىز، شۇ ئارقالىق، ئۇيغۇر تىل – يازىق  مەدەنىيەتىنىڭ داغدام يولدا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

مەنىڭچە، چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئالتە يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھىچبىر ئىملا ئىسلاھاتى قىلماي، مۇقىم ھالەتتە ئىشلەتىلىشى ئۇنىڭ ئىملا قائىدەسىنىڭ ئىلىمغا ئۇيغۇن توغرا قائىدە بولغانلىقىدىن بولغاندۇر. ئەمدى، 1953-يىلى تۇرغۇزۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدەسى» تىلشۇناسلىق ئىلمىغا ئۇيغۇن بولماغان ناباب ئاساس ئۈستىگە بىنا قىلىپ قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇرچە يازما خەتنىڭ ئىملاسىنى يەئنى يازىش قائىدەسىنى ھەمىشە دىھقاننىڭ، ئاۋام خەلقنىڭ تىل تەلەپپۇز ئادەتىگە بويۇن سۇنىدىغان قىلىپ بەكىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئالتمىش يىلدا ئالتە قاتىم ئىملا ئىسلاھاتى قىلغان، نەتىجەدە، ئۇيغۇرچە خەت ئىملاسىنىڭ چەكى توختامايدىغان سۇنئىي ھالەت شەكىللەنىپ قالغاندۇر.

نۆۋەتتە، مەنى ئۈمىدلەندۈرىۋاتقانى شۇكى، ياقىندا قىلىنغان ئىملا ئىسلاھاتىدا، «نەزەرىيە، قەھۋە» دەگەن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىگەلىك قوشۇمچەلەرى قوشۇلغاندىن كەيىنمۇ، ئىملادا سوزۇق تاۋۇش ئۆزگەرىشى ئىپادەلەنمەيدىغان، يەئنى «نەزەرىيەسى، قەھۋەسى» قىلىپ يازىلىدىغان قىلىپ بەكىتىلىپتۇ. بۇ- نەمە دەگەن ياخشى ئىش-ھە!؟ ئەمدى، «ئانا، دادا» دەگەن سۆزلەرنىمۇ يازما ئىملادە سۆز تۈپى ئۆزگەرمەيدىغان، يوقالىپ كەتمەيدىغان قىلىپ، «ئاناسى، داداسى» قىلىپ يازساق، ئوقۇغاندا-تەلەپپۇز قىلغاندا، يەئنى ئاغىزدا سۆزلەگەندە بولسا، «ئانىسى، دادىسى» دەۋەرسەك نەمىشقا بولمايدىكەن؟

قەدىمكى ئۇيغۇر يازىقى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئىملاسى ئىلمىيلىك ئۈستىگە بىنا قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا، ئەنە شۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولغاندۇر. ئەگەر بۇ پاكىتنى ئىئتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلساق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ ئىملا قائىدەسىنىمۇ ئىلمىيلىك رەلىسىگە ئۇلايلى-دە، مەدەنىيەتىمىزنىڭ باش بايراقى بولغان تىل-يازىقىمىز شۇندىن باشلاپ، مۇقىم ۋەزىيەتلىك، ئىقباللىق ۋە ئىلىملىك بولسۇن!

پايدىلانمالار:

«ئۇيغۇر تىل-يازىقىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچەمىنى بەكىتىش ھەققىدە»، 2005-يىللىق 1-سان «تىل ۋە تەرجىمە » ژۇرنالى، ئۈرۈمچى.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، قەشقەر.

2013-يىل، 16-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.

مۇكاپاتتىن مىننەتدارلىق، «مۇئەللىم» دىن ئىپتىخارلىق

«مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە چوڭ كۆلەملىك ئىلمىي پائالىيەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئانا يۇرتىمىزدا ئومۇمىيۈزلۈك ئاكتىپ ئىنكاس قوزغادى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى، خۇسۇسەن ئۈرۈمچىدىكى گەزىت- ژۇرناللار ۋە رادىئو- تەلىۋىزىيە مۇئەسسەسەلەرى بۇ قۇتلۇق ئىشنى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان بولدى.  بۇلارنىڭ ئىچىدە، «شىنجياڭ گەزىتى» نىڭ 2013-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىغا بەرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دەيىلىدۇ: «شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجياڭ ‹مۇئەللىم› ئەلىكترون پەن-تەخنىكا شىركەتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› 15-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم، تەتقىقاتچىلار، ئاخبارات-نەشىرىيات ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر تىلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللانىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارىدىن بولۇپ ئۈچيۈزدىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى. تۆھپەكار تىلشۇناسلارغا ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئەجىر-مىھنەتىنى تارتۇقلاش بۇ يىغىندىكى ئەڭ يارقىن نۇقتالارنىڭ بىرى بولدى. يەئنى، بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بويىچە بىر ئۆمۈر يۈرەك قانىنى سەرپ قىلغان ئون بىر نەپەر مىھنەتكەش تىلشۇناس شىنجياڭ ‹مۇئەللىم› ئەلىكترون پەن تەخنىكا شىركەتى تەسىس قىلغان ‹مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى› بۇيۇمى، شاھادەتنامەسى ۋە ئاقچاسى بىلەن تارتۇقلاندى. يىغىن رىياسەتى ‹ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ماۋزۇلۇق بۇ كاتتا يىغىلىشنىڭ مەقسەتى ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىغا تالىق بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلەلەرنى مۇھاكىمەگە قويۇش، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزغان تىلشۇناسلارنىڭ تۆھپەسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى ساھەسىگە ياڭىدىن قەدەم قويۇۋاتقان بىر ئەۋلاد ئىز باسار تەتقىقاتچىلارغا نىشان ۋە مەنزىل كۆرسەتىپ بەرىش ئىكەنلىكىنى سەمىمىي بايان قىلىش بىلەن بىر چاغدا، ‹مۇئەللىم› شىركەتىنىڭ باش بولۇپ خاس مۇكاپات تەسىس قىلغانلىقىنى كارخاناچىلارىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنىڭ مۇندىن كەيىنكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاش بويىچە باسقان تولامۇ ئەھمىيەتلىك بىر قۇتلۇق قەدەمى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى…»

مەنىڭ ئۆگرەنىشىمچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتىنىڭ ئورگان گەزىتى بولغان «شىنجياڭ گەزىتى» نىڭ 4 – بەتىگە بەرىلگەن «كاتتا يىغىلىش، ئەھمىيەتلىك قەدەم» ماۋزۇلۇق بۇ خەۋەر مەزكۇر يىغىن ۋە ئۇ گەۋدەلەندۈرگەن تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىلمى پائالىيەت ھەققىدىكى ئەڭ كەڭ سەھىپەلىك خاتىرە ھىسابلانىدۇ. پۈتۈن بەتلىك خەۋەر تەكىستىنىڭ ئەتراپى مەزكۇر يىغىننىڭ ئاچىلىش مۇراسىمىغا ئالاقىدار رەڭلىك سۈرەتلەر بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر ئۆزىنىڭ مەزمۇندارلىقى ۋە جانلىقلىقى بىلەن خەۋەر تەكىستىدىكى ھەر سۆز -ھەر جۈملەگە ئەھمىيەتلىك قىممەت قوشقانىدى. شۇڭا، مەن ئۇ خاس بەتنى كەسىۋالىپ، ئۆچمەس خاتىرەم سەھىپەسىگە مەزمۇت ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.

دەمەكچىكى، مۇكاپات مەنى تولامۇ سۆيۈندۈردى. ئەمسەچۇ؟! ئىنسان يالغان كەمتەرلىك قىلماي، سەمىمىيەت بىلەن ئەيتقاندا، غايەلىك ئادەم بۇ دۇنيادا، ساۋاب (يەنى مۇكاپات) ئۈچۈن ياشايدۇ، دەسىمۇ بولىدۇ. رەھمەتلىك ئانام كىچىكىمدىن تارتىپلا، كۈندەلىك تۇرمۇشتا قىلىپ-ئەتكەنلەرىمنى ئۇدۇم قائىدە-نىزام تارازاسى بىلەن ئۆلچەپ كۆرگەندىن كەيىن: «جانىم بالام، مۇنداق قىلساڭ ساۋاب (يەنى مۇكاپاتقا لايىق) بولىدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇنداق قىلساڭ، گۇناھ بولىدۇ» دەپ، كۆرسەتمە تەئلىمات بەرىپ تۇراتتى. ئەمدى، مۇشۇ كۈنلەردىكى تۇيغۇمدىن ئالىپ ئەيتسام، ئىنسان ساۋاب (يەنى مۇكاپات)نى ئۇ دۇنياغا نىسى قالدۇرۇپ كەتىۋەرمەي، مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدەلا، رازىيمەن قارىنداشلارىنىڭ ئاغىزىدىن ياكى قولىدىن ئالسامۇ، قەۋەتلا خوشھال بولۇپ قالىدىكەن.

مەن ئوخشاماغان يازمالىرىمدا، ئوقۇرمەنلەرىم بىلەن سىرداشىش يۈزىسىدىن گەزى كەلىپ ئەيتقانىمدەك، مەنىڭ بالالىق ۋاقتىمدىكى چۈش-ئارزۇيۇم دوختۇر بولۇش ئىدى. قىسمەت بولۇپ، مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىگە كىرىپ، تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كەيىن، تەرجىمان ئەرمەس، ئوقۇتقۇچى-مۇئەللىم بولدۇم. بىر ئوبدان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ، «كور خەرىدار»لارىم بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سورۇنىدا تاي چاپتۇرىۋاتسام، تەشكىل ماڭا چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ پىرى بۈيۈك ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلەرىنى ئۆگرەنىش ۋە تەتقىق قىلىش ۋەزىپەسىنى يۈكلەدى. «يۈكلەگىن يۈكنى ئانا مەن تاڭشۇرۇلغان تۇلپارىڭ، سەن ئۈچۈن يۈكلەشكە رازىي تاغنىمۇ يەلكەمگەمەن» (بۇ ئىككى مىسرا مەشھۇر شائىرىمىز مەرھۇم تەيىپجان ئەلىيىۋنىڭ) روھى بويىچە، بۇنىڭغامۇ «مائقۇل» دەدىم. ئاۋۋال تۆرت يىل ئەرەبچە ئۆگرەندىم؛ ئارقادىن ئىككى يىل پارسچە ئۆگرەندىم. يەنە كەيىنچە، بەش يىل خاس تۈركچە ئۆگرەندىم. شۇنىڭ بىلەن، «بىسمىللاھ» دەپ تىلسىماتلىق ئىلىم تەتقىقاتچىلىق يولىغا ئات سالىپ چىقتىم. بۇ يولدا ئۇچراغان قاتمۇقات چاتقاللىقلارنى ئۆزەم ئۇزۇن يىللىق ئۆگرەنىش ئارقالىق مۇكەممەل قىلىپ ھازىرلاغان ماھارەت شەمشەرى ۋە تۇغما خۇيۇم تارتۇقلاغان جاسارەت قىلىچى بىلەن چاپىپ ئۆتۈپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ سىھر-ئەسرارلىق كەڭ قوينىغا كىرىپلا كەتتىم.

چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ۋە ئەدەبىياتى مەيدانى كلاسسىك ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ مول مەزمۇنۋار جەڭگاھلارىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەممەگە مەئلۇملۇق، مەن ئۇ يەردە 1976-يىلدىن بۇيان، يەنى ئاز كەم قىرىق يىل مابەينىدە، ئەلىشىر غىياسىددىن نەۋائىي بوۋامىزنىڭ غەزەللەرىنى ئۆز تىلى ۋە ئەينى زامان ئەسلىي يازىقى بىلەن مىسرا-مىسرا ئوقۇدۇم؛ ئۇلۇغ ئاماننىساخان نەفىسىي مومامىز رەتلەپ ئالەمگە يايغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرىنى ئەينى زامان تىلى ۋە يازىقى ئاساسىدا، بەيىت-بەيىت مۇتالىئە قىلدىم. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» لارىدىن تارتىپ، مۇسا سايرامىينىڭ «تارىخى ھەمىدىي»لەرىگىچە، ئىسمەتۇللاھ نىئمەتۇللاھ مۆئجىزىينىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»لارىدىن تارتىپ، ئەھمەد زىيائىينىڭ «لاداق يولىدا كارۋان»لارىغىچە مەنىڭ مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ ئوقۇشۇم ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تەتقىق قىلىشىمدىن ئۆتمەگەن ئەسەر قالمادى. مەن ئۇ نادىر ئەسەرلەرنى مۇنداقلا ئوقۇپ قويۇش بىلەن كۇپايەلەنمەدىم، بەلكى ئۇلارنىڭ تىل ئىشلەتىش ئۆزگەچىلىكىگە، پىكىرلەرنى بايان قىلىشتىكى بەدىئىي خاسلىقىغا تەتقىقات ئۆلچەكى بىلەن چوڭقۇر چۆكتۈم. نەتىجەدە، بۇ خىل جاپالىق ئىزدەنىش ۋە ئەستايىدىل تەتقىقاتىمنىڭ سەمەرەلەرى بولمىش «چاغاتاي تىلى» (1986-يىل، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن ھەمشىرىك)، «ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى» (1995-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىل)، «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» (2005-يىل)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» (2007-يىل)، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى ئۈستىدە تەتقىقات» (2009-يىل)، «ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى ۋە لىكسىكا تەتقىقاتى» (2011-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مەغىزلىق بايان» (2012-يىل) قاتارلىق ئەسەرلەرىم مەزكۇر ساھە بوستانلىقىدا، بىر يۈرۈش سەر خىل گۈللەر بولۇپ قەھقەھ ئاچىلدى ۋە ئۇلار تارقاتقان خۇشپۇراق ئىلىم بەھرەلەرى ئىرپانپەرۋەر خەلقىمنىڭ باشىغا خالىسانە چاچقۇ بولۇپ چاچىلدى، قۇتلۇق بولغاي!

بۇ يەردە، مەنى ئەڭ خوشھال قىلغان ۋە ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈندۈرگەن نەرسە، مەنىڭ ئۇ پەرزىي ئەمگەكلەرىمنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر دۇنياسىدا، يۈكسەك سەۋىيەلىك زىيالىيلار ۋە ھەر ساھە بويىچە ئىقتىدارلىق مۇنەججىملەر توپلانغان ئىرپانگاھ سانالىدىغان شىنجياڭ ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيۇشتۇرغان باھالاش كومىتەتىنىڭ نەزەرىدىن ئۆتكەنلىكى ۋە ئۇ يەردىكى كەسىپداشلارىمنىڭ مائقۇللۇقىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى بولدى. مەن ئۇلار يازغان:  «پروفەسسور ئابدۇرەئوپ پولاتنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى، ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى تەتقىقاتى ۋە شۇنداقلا ياش بىر ئەۋلاد تىل تەتقىقاتچىلارىنى تەربىيەلەپ يەتىشتۈرۈشتە تۆھپەسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ‹مۇئەللىم تىلشۇناش مۇكاپاتى› بەرىلدى» (ئالىندى: «ياڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھۆججەتلەرى»دىن 2013-يىل، 15-ئىيۇن.) دەگەن باھانى يۈرەكىمگە كۆچۈرىۋالدىمكى، ئۆمرۈم بويى ئۇنتۇمايمەن!

تەخى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئەسىمدە، شۇ قاتىملىق نامايەندەگار يىغىننىڭ ئاچىلىش مۇراسىمىدا، مۇكاپاتلار تارقاتىلىپ بولغاندىن كەيىن، ئانا يۇرت «مۇئەللىم» ئەلىكترون پەن-تەخنىكا چەكلىك شىركەتىنىڭ باش دەرىكتورى ئەخمەتجان نورۇز گۇلدىراس ئالقىشلار ھەمراھلىقىدا سەھنەگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ «مۇئەللىم» شىركەتىنى قۇرۇشتىن تارتىپ، «مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلىشقىچە بولغان ئارالىقتىكى مىننەتسىز ئەمگەكلەرىنى ماغىزلىق قىلىپ ئاڭلاتقاندىن كەيىن: «بىز بۇ ‹مۇئەللىم تىلشۇناس مۇكاپاتى›نى مۇندىن كەيىنمۇ قەرەللىك ھالدا تارقاتىشقا تىرىشىمىز» دەدى.

شۇنداق، ئۇ «بىز بۇ مۇكاپاتنى مۇنچە يىلدا بىر قاتىم جەزمەن تارقاتىمىز!» دەپ، مەيدەسىگە مۇشتلاپ، تەنتەنەلىك ۋەئدە بەرمەدى، پەقەت «مۇندىن كەيىنمۇ قەرەللىك ھالدا تارقاتىشقا تىرىشىمىز» دەدى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيەتىدە بىر ئىشنى ئوڭ-ساپىدا قىلىپ روياپقا چىقارىشنىڭ مۈشكۈلدىن مۈشكۈل ئىش ئىكەنلىكىنى يىللارچە ئاڭلىق جاپا چەكىش ۋە بوشاشماستىن كۈرەش قىلىش ئارقالىق، تولامۇ ئوبدان بىلىپ يەتكەن بۇ ساھىبقىران لىدەرنىڭ سۆزىدە، ئۆزىگە خاس بولغان ئاتا مىراس سەمىمىيەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. شۇڭا، مەن ئىشەندىم،  پۈتكۈل يىغىن ئەھلى ئىشەندى. شۇ ئان جىندەك تىمتاسلىقتىن كەيىن، قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش ساداسى قايتا ۋە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ياڭرادى!

بۇ ئالقىش ساداسىدىن، خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيادا پەۋقۇلئاددە قىزغىنلىق بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن رىقابەتى دەڭىزىدا، غەرق بولۇپ كەتمەي، ياڭىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، پۈتكۈل ئىمكان ۋە ئىقتىدارى بىلەن تىرمىشىۋاتقان بىر ئەۋلاد ياش نەۋقىران سەركەردەلەرگە بولغان ئىھتىرامى، ئىشەنچى، مەمنۇنىيەتى ۋە ئىپتىخارى جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى، دەپ ئوبزۇر قىلىمەن.

2013-يىل 22-دىكابىر، بەيجىڭ.

2021-يىل 9-يانۋار، سان ديەگو.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top